سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا تۇنجى يەرلىكتە ياسالغان «يىپەك يولى» ناملىق مېترو ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-30

    28-سېنتەبىر، «يىپەك يولى» ناملىق مېترو رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.

  28-سېنتەبىر، قىزىل لېنتا ئېسىلغان، ئېگىزلىكى 3.8 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر كېلىدىغان «يىپەك يولى» ناملىق مېترو كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بۇ شىنجاڭ رېلىسلىق قاتناش جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 «يىپەك يولى» ناملىق مېترونىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى يېڭىچە بولۇپ، بۇنىڭدا ئاق رەڭ تەگلىك، كۆك رەڭلىك بەلباغ ئاساس قىلىنغان، پويىز بېشىغا قىزغۇق سېرىق رەڭدە «U» ھەرىپى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئېنگلىزچە «Urumqi» خېتىنىڭ باش ھەرىپىگە سىمۋول قىلىنغان. 

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لياڭ شىنشىن مۇنداق دېدى: بۇ مېترونىڭ ئىچى شۇ قەدەر ئازادە ھەم راھەت ئىكەن، ئىلگىرى پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىلا مېتروغا چىقالايتتۇق، ھازىر يۇرتىمىزدىمۇ مېترو بار بولدى، يەنە كېلىپ ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن مېترو بار بولدى، بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنىۋاتىمەن.

 جۇڭگو پاراۋۇز پاي چەكلىك شىركىتى جۇجۇ ئېلېكتىروۋۇز چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جۇ چىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنى سىرتقا چىقىشتا قۇلايلىق شارائىتقا ئىگە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27.6 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ لىنىيەگە 21 بېكەت تەسسىس قىلىنغان. بۇ لىنىيەدە A تىپلىق پويىز قاتنايدىغان بولۇپ، پويىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىر ئىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366507161