سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق باغچىلار 3-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-30

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھەرلىك باغچا باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق 11 باغچا ۋە جۇڭگو ئورمانچىلىق مۇزېيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 3 مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم) نى كۈتۈۋېلىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، باغچىلارنىڭ ساياھەت بېسىق مەزگىلى 3-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن.

     1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، شەھەرگە قاراشلىق 11 باغچا «بىخەتەرلىك كاپالىتى، مۇلازىمەت قىلىپ كۈتۈۋېلىش، ساياھەت مەنزىرىسى» قاتارلىق تۈرلۈك باغچا ئالدىن لايىھەسىگە ئاساسەن، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى مۇۋاپىق پەيتنى تاللاشنى تەۋسىيە قىلغان.  

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366487991