سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى ئومۇمىي لىنىيەسىدە يېقىندا قاتناش باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-30

    لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ شياگۈەنيىڭدىن مىنشەنگىچە بولغان بۆلىكىدە تارتىلغان لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى خۇما چوققىسى تۇنېلىنىڭ سۈرىتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: لەنجۇ تۆمۈريول ئىدارىسى لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدە قاتناش باشلاش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى ئومۇمىي لىنىيەسىدە 29-سېنتەبىر قاتناش باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

   لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولى 2008-يىلى 26-سېنتەبىر ئىش باشلىنىپ ھازىرغىچە توققۇز يىللىق قۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئومۇمىي لىنىيەنىڭ گىئولوگىيەلىك شارائىتى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «يىلسېرى بۆلەك بويىچە قاتناش باشلاش» يولغا قويۇلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىدىن ۋېيتوغىچە بولغان بۆلەك، ۋېيتودىن گۇاڭيۈەنگىچە بولغان بۆلەك، لەنجۇدىن شياگۈەنيىڭغىچە بولغان بۆلەك، گەنسۇ مىنشەن ناھىيەسىدىن سىچۈەن گۇاڭيۈەنگىچە بولغان بۆلەكتە 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كەينى-كەينىدىن قاتناش باشلانغان. گەنسۇ چېگرىسى ئىچىدىكى شياگۈەنيىڭدىن مىنشەن ناھىيەسىگىچە بولغان بۆلەكتە 29-سېنتەبىر رەسمىي قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ، لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ.

 لەنجۇ-چۇڭچىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، غەربىي شىمالدىن غەربىي جەنۇب دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىدىكى ئەڭ قولايلىق تۆمۈريول تىرانسىپورت لىنىيەسى شەكىللىنىپ، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ لىنىيەسى، بېيجىڭ-شاڭخەي لىنىيەسى بىلەن تەڭ جەنۇب- شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچ تۆمۈريول غول لىنىيەسىنىڭ بىرى بولۇپ، قالىدىكەن، شۇنداقلا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»دىكى مۇھىم يول بولۇپ قالىدىكەن.  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366486881