سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-30

    2017- يىللىق سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر چېن لېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، جاڭ چۈنلىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، يۆ جۇڭمىڭ، ليۇ ۋېيپىڭ، ۋاڭ ئەننەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر جۇ شۆۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    چېن لېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، باشلامچى خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىش؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناقلىقىنى شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش، تەقسىملەش، قوغداش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى يۆنىلىشلىك، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى، ئەلرايىنى كۆزلەشنى سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

    چېن لېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق ۋەزىپىنى باشتىن- ئاخىر كۆزلەپ، سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان سۇچىلىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەپ چىڭىتىپ، سۇ تېجەر جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ زور سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تايانچ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھە ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىقىنى باشقۇرۇش، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ خەلقئارا ئالاقە- ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ بىڭتۈەننىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سۇچىلىق سىستېمىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زور بىر تۈركۈم مۇھىم سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سۇچىلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا زور نەپ يەتكۈزدى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇ ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى، ئېكولوگىيەنىڭ ئۇلى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت يېڭى مەزگىلدىكى سۇچىلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە سۇچىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بىلەن ئۇيغۇنلىشىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىشىمىز كېرەك. سۇنى تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە سۇچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا سۇچىلىق تىرىكىگە ئىگە قىلىش؛ سۇدىن ئىلمىي پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تېجەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش؛ سۇچىلىقنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، پەن- تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە سۇ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇنى تىزگىنلەپ، سۇ ئىنشائاتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، سۇ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش؛ ئېقىن سۇنى ئىسلاھ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك سۇ تىزگىنلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ شىنجاڭغا سۇچىلىق بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا سۇچىلىق بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، چوڭ تۈر ۋە مەبلەغ بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ بەش يىل، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا سۇ ئىنشائاتلىرى ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقى ئەڭ چوڭ بولغان بەش يىل بولدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش سۇچىلىقنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشىنى، بولۇپمۇ نامراتلارنى سۇچىلىق بويىچە دەل جايىدا يۆلەش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسى مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يىغىندا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى؛ سۇچىلىق مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلار ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ سۇچىلىق تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

    سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ سۇچىلىق، سۇ ئىشلىرى نازارىتى، ئىدارىلىرى ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366480871