سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھىندىستاندا كارىۋاتلىق پويىز بېلىتى ئالغانلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا چەك قويۇلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-28

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھىندىستان تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىندا ئاجايىپ بىر قائىدىنى يولغا قويدى. يەنى، 31–ئاۋغۇستتىن باشلاپ، پويىزنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتىنى ئالغان يولۇچىلار چوقۇم كەچ سائەت 10:00 دىن كېيىن ئۇخلاپ، سەھەر سائەت 6:00 دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك، قالغان ۋاقىتتا كارىۋاتتا باشقا يولۇچىلارمۇ ئولتۇرسا بولىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ قائىدىگە ياشانغان، مېيىپ، ھامىلىدار يولۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇ يولۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا چەك قويۇلمىغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366458611