سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«مۇقەددەس سۇ مەنبەسى» جامبۇلاق

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-27

    بىر نەچچە ساياھەتچى جانبۇلاق سەيلىگاھىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

    جامبۇلاق مەنزىرە رايونى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تەڭرىتېغىدىكى تىك تاغلىق تەبىئىي مەنزىرە، بىنەم گۇمانىتارلىق مەنزىرە، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى تارىخىي مىراس بىر گەۋدىلەشكەن مەنزىرە رايونىدۇر. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى 3000 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ، سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق بەلباغدىن تەركىب تاپقان روشەن كىلىمات بەلبېغى شەكىللەنگەن. بۇ جايدا يەنە قارلىق تاغ، مۇزلۇق، كۆل، چىملىق، ئورمان، چاتقال، جىلغا قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرلەر ۋە ئېتىز مەنزىرىسى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، ئىستېرېئولۇق سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. (شىنخۇا تورى، چېن يېخۇا فوتوسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366427941