سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى سەيلىگاھلار قاردىن كېيىنكى گۈزەل تۈسكە كىردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-26

قاردىن كېيىنكى قاناس سەيلىگاھى

   كۈز كىرگەندىن بۇيانقى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تېپمېراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغدى. تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن بۇ ھاۋارايى ئۆزگىرىشى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى سەيلىگاھلارغا ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ئەكسىچە شۇ جايدىكى سەيلىگاھلار كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

  قاناس سەيلىگاھى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى خۇانىڭ تونۇشتۇرىشىچە،  23-سېنتەبىر قاناسقا كەلگەن ساياھەتچى 45 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %30.9 ئاشقان. 24-سېنتەبىر سائەت 15:00 گىچە، سەيلىگاھقا كىرگەن ئاپتوموبىل 500 دىن، ساياھەتچى 53 مىڭدىن ئاشقان. قاناس سەيلىگاھى ساياھەت ئىدارىسى ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئالدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ھۆكۈمەت تورى ۋە ئۈندىدار سۇپىسىدا ھاۋارايى ئۇچۇرىنى تارقاتقان.

   مۇخبىرىمىزنىڭ 24-سېنتەبىر بۇغدا كۆلى سەيلىگاھىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇغدا كۆلى سەيلىگاھىدا ماياشەن تېغى تەۋەلىكى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، داخەيزى، غەربىي كىچىك بۇغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا نورمال ساياھەت قىلغىلى بولىدىكەن. كۆكتوقاي سەيلىگاھىدا تاغ چوققىسىنىلا قار باسقان، ئەمما تاشيول قاتنىشى ۋە ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال بولۇپ، ساياھەتچىلەر خاتىرجەم سەيلە قىلسا بولىدىكەن. 

  24-سېنتەبىر سائەت 15:00كە قەدەر، ئۈرۈمچى يۇقىرىقى تاغ سەيلىگاھىدا پەقەت تۇمانلىق ھاۋارايى ۋە يوللارنى مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، قار ياغمىغان. ساياھەتچىلىك نورمال داۋاملاشقان.  

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366391761