سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول گۈزەل تاغ-دەريا رەسىم كارىدورىنى كېسىپ ئۆتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-26

    ئوقپويىز گۇاڭشىنىڭ بىڭياڭ ناھىيەسىدە كېتىۋاتماقتا   (16-ئاپرېل فوتوسى).

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى جانلىق جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم دەرۋازا. 2013-يىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ قىسقىغىنا نەچچە يىلدا بۇ رايون ئوقپويىز لىنىيەسى يوق بولۇشتىن ھازىرقىدەك 1751 كىلومېتىرلىق لىنىيەگە ئىگە ھالەتكە كېلىپ، ھەممە جايغا تۇتاشقان زامانىۋى قاتناش تورىنى شەكىللەندۈردى. گۇاڭشى «يول تورىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى» دىن «تۈگۈن رايون» بولۇشتەك زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. «13-بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە گۇاڭشى يەنە نەننىڭ شەھىرىنى مەركەز قىلىپ يولۇچى ۋە يۈك توشۇشنى ئاساس قىلغان زامانىۋى تۆمۈر يول تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، تۆمۈر يول تىجارەت مۇساپىسىنى 6000 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى 2000 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، شەھەرلەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بىلەن باغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش ھەممە كىشى تەقەززا بولۇۋاتقان پىلاندۇر.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366391691