سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتىنى بېزەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-25

   خىزمەتچى خادىملار تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى گۈل سېۋىتىنى بېزىمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتىنى زىننەتلەش خىزمىتى نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بۇ يىللىق چوڭ  گۈل سېۋىتى خۇشاللىق «گۈل-مېۋە  سېۋىتى››نى باش تېما قىلغان بولۇپ، سېۋەت ئىچىگە ئەبنۇس، ئانار، ئالمىدىن باشقا، مودەنگۈل، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە، جۇڭگو ئەتىرگۈلى قاتارلىق تەقلىدىي گۈل- مېۋىلەر تىزىلغان بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ھەر ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرگە سىمۋول قىلىنغان. چوڭ سېۋەتنىڭ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 17 مېتىر، سېۋەت گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 15.3 مېتىر، دىيامېتىرى 50 مېتىرغا يېتىدىكەن. سېۋەتنىڭ بىر يېنىغا «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز، 2017 - 1949»، يەنە بىر يېنىغا «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. 2011-يىلىدىن باشلاپ، «ۋەتەنگە بەخت تىلەش» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتى تيەنئەنمېن مەيدانى مەركىزىدىكى گۈللۈككە قويۇلۇپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ۋەتەنگەن سوۋغا قىلىنغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366369461