سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەلق ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش خاتىرىسى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-25

    لاياقەتلىك ئۇچقۇچى بولۇش ئاسان ئەمەس، ئۇچقۇچىلار 130 تۈرلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن، 50 نەچچە خىل نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان پىراۋىسى، سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان پىراۋىسى قاتارلىق بەش خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك كىنىشكىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇچۇش مەشىقى 255 سائەتكە يېتىدۇ ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق ئۇچۇش سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدۇ. ئۇچقۇچىلار ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلان تىپىنى «ئۆزگەرتىش» مەشىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، مۇناسىپ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ئاندىن ئايروپلانغا چىقىدۇ. ئاۋۋال پىراكتىكا قىلىدۇ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆگىنىشتىن كېيىن ئاندىن لاياقەتلىك ئۇچقۇچى بولۇش سەپىرىنى باشلايدۇ.

    ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە مەكتەپلىرىنىڭ، شىركەتلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئالاھىدە قاتتىق بولسىمۇ، نۇرغۇن ياشلار كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىشتەك ئاشۇ گۈزەل غايىسىدىن ۋاز كەچمەي، يەنىلا بۇ يولغا ئاتلانماقتا.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366363031