سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«گۈللىنىش» ناملىق نۆۋەتچى پويىز جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدىكى يېڭى سۈرئەتنى باشلاپ بەردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-22

21-سېنتەبىر، G1-قېتىملىق «گۈللىنىش» ناملىق نۆۋەتچى پويىز بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قوزغالدى.

 شىنخۇا تورى خەۋىرى: 21-سېنتەبىر سائەت دەل 09:00دا G1-قېتىملىق «گۈللىنىش» ناملىق جۇڭگو ئۆلچىمىدىكى ئوقپويىز گۇرۇپپىسى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ھەش-پەش دېگۈچە سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تۆت سائەت 28 مىنۇتتا شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىغا يېتىپ باردى. «گۈللىنىش» ناملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ بۇ قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 355 كىلومېتىر/سائەتكە يەتتى. 350 كىلومېتىر/سائەتلىك سۈرئەتنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئېشىشى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول سودا تىرانسىپورتىدا دۇنيا بويىچە يۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366293691