سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى كېۋەزلىك مول ھوسۇل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-22

    20-سېنتەبىر ئىشچىلار شىخەنزە باش مەيدانى 6-تارماق مەيدان 3-ليەنىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا تېرىش ماشىنىسىدا پاختا تەرمەكتە.

  سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا بىڭتۇەندىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى يېڭى پاختىلارنى يىغىۋېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. نۆۋەتتە، بۇ جايدا پاختا ئاساسەن ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەم كۈچى بىلەن يىغىۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئەمگەك كۈچى تېجىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشتى.

    20-سېنتەبىر، مەكىت ناھىيەسىدىكى دېھقانلار پاختا تەرمەكتە.

 باش كۈز ئايلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا پاختىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىردى. شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، مۇنبەت تۇپراق، يېتەرلىك كۈن نۇرى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، ھۆل-يېغىننىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، شىنجاڭدا پاختا ئۆستۈرۈش ئاساسلىقى جەنۇبتىكى رايونلارغا مەركەزلەشكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366293391