سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو-پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھاۋا-يەر جەڭ مەشىقىنى قانات يايدۇردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-22

   20-سېنتەبىر، جۇڭگو-پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك يەر يۈزىگە ھۇجۇم قىلىش مەشىقىدە، جۇڭگو تەرەپ ئۇچقۇچىسى ھەيدىگەن كۈرەشچى ئايروپىلان نىشان ھاۋا تەۋەسىدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 20-سېنتەبىر سائەت 12:00 لەردە، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەلۇم ئايرودۇرۇمىدا بىر يېشىل بەلگە ئوقىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئۇچار يىلپىز» ناملىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «جەسۇر ئەجدىھا» ناملىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى «ئۇچار يىلپىز»نىڭ ئارقىدىنلا كۆككە كۆتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ «يەر يۈزىدىكى مۇھىم نىشان»غا ھۇجۇم قىلىشنى چۆرىدەپ، نەچچە يۈز كىلومېتىر بوشلۇقتا كەسكىن تىركەشتى.... بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو-پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «قىران بۈركۈت-Ⅵ» ناملىق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھاۋا - يەر بىرلەشمە مەشىقى باشلاندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366269581