سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كېسان گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-21

  كەچ كۈزنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، دەل-دەرەخلەر سارغىيىپ، گۈل-گىياھلار سولىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بىراق كېسان گۈلى ھۆپپىدە ئېچىلىپ، ئالتۇن كۈزدىكى جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلدى. مۇخبىر يېقىندا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى ئەتراپىدا قىزىل، سۆسۈن، ئاق، ھالرەڭ  كېسان گۈللىرىنىڭ ھۆپپىدە ئېچىلىپ، كۈز مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشقانلىقىنى كۆردى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يېڭىچە شەھەر-بازار ۋە گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىللاشتۇرۇش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، پاكىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى ئەتراپىدىكى يوللارنى ئاسفالىتلاشتۇرۇپ ۋە يېشىللاشتۇرۇپ، ئاھالىلەر ئارام ئالىدىغان يشىللىق بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلىغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366241361