سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق تاۋۇز چاغىنىلىق چىراق سەيلىسى جۇجۇاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-19

    سۇ ماكانى جۇجۇاڭدىكى سۇ كوچىسى رەڭگارەڭ چىراغلار بىلەن ياساندى (18-سېنتەبىر فوتوسى).

 شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق(كۈنشەن) تاۋۇز چاغىنىلىق چىراغ سەيلىسى 20-سېنتەبىر جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇ ماكانى قەدىمىي بازىرى جۇجۇاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. چىراغ سەيلىسىدە «كۈنشەن تەسراتى»، «گۆھەر ئارىلى مەنزىرىسى»، «جۇجۇاڭ ھېكايىسى» ۋە «ۋەتەنگە تىلەك تىلەش»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاساسىي تېمىلىق چىراغ رايونى، 120 گۇرۇپپا رەڭگارەڭ چىراغ ئارقىلىق، تاۋۇز چاغىنىلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسى، مازۇ مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىپ، جۇجۇاڭنىڭ گۈزەل كېچە مەنزىرىسى كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. نۆۋەتتە چىراغ سەيلسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان بولۇپ، پات ئارىدا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366205801