سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل شىمالىي قۇتۇپقا سەپەرگە چىققان جۇڭگونىڭ پاراخوتلىرى ئەڭ خەتەرلىك بۆلەكلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-19

    16-سېنتەبىر، جۇڭگونىڭ «تيەنجيەن» ناملىق پاراخوتى رۇسىيە تايمىر يېرىم ئارىلى بىلەن بولشېۋىك ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىلكىتسكىي دېڭىز بۇغۇزىدىن ئۆتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ «تيەنجيەن» ناملىق يۈك پاراخوتى يېقىندا  ۋىلكىتسكىي دېڭىز بۇغۇزى رايونى بۆلىكىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ۋىلكىتسكىي دېڭىز بۇغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 104 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ تار بۆلىكى 55 كىلومېتىر، چوڭقۇرلىقى 32 مېتىرىدىن 210 مېتىرغىچە كېلىدۇ. يىل بويى دېڭىز يۈزى لەيلىمە مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، ياز پەسىلىدە بولسا قويۇق تۇمان قاپلاپ تۇرغاچقا، شىمالىي دېڭىز قاتنىشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك بۆلەك ھېسابلىنىدۇ.ھازىرغىچە بۇ يىل شىمالىي قۇتۇپقا سەپەرگە چىققان جۇڭگونىڭ بەش يۈك پاراخوتىنىڭ ھەممىسى شىمالىي قۇتۇپنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەڭ خەتەرلىك سۇ يولىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366205751