سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چىجىگۇاڭ پاراخوتى تۇنجى قېتىملىق يىراق دېڭىز سەپىرىگە ئاتلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-18

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 17-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭىچە مەشىق پاراخوتى بولغان چىجىگۇاڭ پاراخوتى 549 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى ۋە ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنى ئېلىپ، لياۋنىڭ داليەندىكى مەلۇم ھەربىي پورتتىن يولغا چىقىپ، تۇنجى قېتىملىق يىراق دېڭىز پراكتىكا ۋەزىپىسى ۋە پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، سىرىلانكا، تايلاندنى زىيارەت قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى. 76 كۈنلۈك دېڭىز سەپىرىدە، چىجىگۇاڭ پاراخوتى تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، 11 دېڭىز رايونى، مالاككا بوغۇزى، جەبىلتارىق بوغۇزى، سۇۋەيىش قانىلى قاتارلىق سەككىز دېڭىز بوغۇزى، قانالدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، پورتۇگالىيەنىڭ لىسبون پورتى، ئىتالىيەنىڭ تارانتو پورتى، سىرىلانكىنىڭ كولۇمبو پورتى، تايلاندنىڭ ساتتاخىپ پورتىدا زىيارەتتە بولىدىكەن، شۇنداقلا ئامان سەلالە پورتىدا تېخنىكىلىق توختايدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، چىجىگۇاڭ پاراخوتى جۇڭگو ئۆزى لايىھەلەپ ياساپ چىققان ئەڭ يېڭى تىپتىكى مەشىق پاراخوتى بولۇپ، بېقىن نومۇرى 83 ، 2017-يىلى 21-فېۋرال رەسمىي ئىشقا ‹‹چۈشكەن››. بۇ پاراخوتنىڭ تولۇق يۈكلۈك سۇ چىقىرىش مىقدارى ئون مىڭغا توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىز دېڭىز ئارمىيەسىدىكى تونناژى ئەڭ چوڭ، زامانىۋىيلاشتۇرۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان كەسپىي مەشىق پاراخوتى ھېسابلىنىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366179111