سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تيەنئەنمېن مەيدانى گۈل-گىياھلار بىلەن ئالاھىدە «جابدۇندى»

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-18

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى گۈل-گىياھلار بىلەن ئالاھىدە «بېزەلگەن» بولۇپ، نۆۋەتتە مەيداننىڭ ئىككى يېنىدىكى يېشىللىققا گۈل تۈۋرۈكى، شارچە گۈللۈك ۋە گۈل بەلبېغى ياساش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. بېيجىڭ شەھەرلىك باغ-ئورمانچىلىق كۆكەرتىش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يېشىللىققا 12 گۈل تۈۋرۈكى، 18 شارچە گۈللۈك ھەمدە 500 كىۋادىرات مېتىرلىق گۈل بەلبېغى ياسالغان. بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىدا «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» تېمىسىدىكى چوڭ گۈل سېۋىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قايتا نامايان بولىدىكەن، كەچتە رەڭلىك چىراغلار بىلەن ئالاھىدە يورۇتۇلۇپ، گۈزەل كېچە مەنزىرىسى تيەنئەنمېن مەيدانىغا تېخىمۇ ھۆسىن قوشىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366178851