سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-15

    پارتىيەنىڭ كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچى. ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كادىرلارغا ئېھتىياجلىق.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئاچقۇچ پارتىيە ھەم ئادەمدە. ئاچقۇچ پارتىيەدە بولغاچقا، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئاچقۇچ ئادەمدە بولغاچقا، قۇدرەتلىك، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىدە، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشتا، ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئەلا بىلىش، ئادىل ئىش قىلىش- ۋىجدانلىق بولۇش، بىر قېلىپتا چەكلىنىپ قالماي ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    «تۆتنى ئاساس قىلىۋېلىش» خاھىشى بۇزۇپ تاشلاندى، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتە بىر قېلىپتا چەكلىنىپ قالمىدى

    باش شۇجى شى جىنپىڭ: «قانداق ئادەمنى تاللاش فىليۇگېر بولسا، كادىرلار ئىستىلىمۇ، ھەتتا پارتىيە ئىستىلىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، بەزى جايلار ۋە تارماقلار كادىرلارنى ئۆستۈرگەن ھەم تەيىنلىگەندە ئاۋاز، نومۇر، GDP، ياش قاتارلىق تۆت نەرسىنى ئاساس قىلىۋالغاچقا، بىر قىسىم كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكەنىدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى تەلىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «تۆتنى ئاساس قىلىۋېلىش» قىيىن مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغاچقا، كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات پەيدا بولۇپ، يېڭى قىياپەت بارلىققا كەلدى.

    باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش»تىن ئىبارەت ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت دەۋر مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتىنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى.

    دېموكراتىك كۆرسىتىش چارىسى ياخشىلىنىپ، ئاۋازنى ئاساس قىلىۋېلىش مەسىلىسىدە «قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتاي دېسەڭ، ئوچاقنىڭ ئوتىنى تارت» دېگەندەك ئىش قىلىندى. دېموكراتىك كۆرسىتىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنىڭ ئورنى قايتىدىن بېكىتىلىپ، كۆرسىتىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەشنىڭ «مۇھىم ئاساسى قىلىش» «مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى» قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، دېموكراتىك كۆرسىتىشكە قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولى كۈچەيتىلىپ، ئەلرايىنى ئىپادىلەشنىڭ چىنلىقى ۋە دېموكراتىك كۆرسىتىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

    رىقابەتلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش چارىسى ياخشىلىنىپ، «نومۇرنى ئاساس قىلىۋېلىش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى. رىقابەتلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىرىسى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، ئۇنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسىي چارىسى، ھەتتا بىردىنبىر چارىسى قىلىشقا، رىقابەتلىك تاللاپ ئۆستۈرۈش قېتىم سانى ۋە نىسبىتىنى قاتتىق بېكىتىشكە بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سىناش- باھالاش چارىسى ياخشىلىنىپ، ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى بېكىتىلىپ، ئىقتىدار، ساپا ۋە ئىزچىل ئىپادىگە ئەھمىيەت بېرىلدى. تەشكىلىي ئۆتكەلنى ئىگىلەش كۈچەيتىلىپ، ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشكە قاتنىشىشقا تىزىملاتقانلار ئۆز ئورنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش زۆرۈرلۈكى بەلگىلىنىپ، «ئىمتىھان كەسپىي ئائىلىسى» پەيدا بولۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى. تەكشۈرۈش ئۆتكىلى قاتتىق ئىگىلىنىپ، ئەخلاقىي ۋە ئەقلىي جەھەتتە ئىپادىسى ياخشى بولغان، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن كادىرلار ھەقىقىي تاللاپ ئۆستۈرۈلدى.

    سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتى ياخشىلىنىپ، «GDPنى ئاساس قىلىۋېلىش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى. سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالايدىغان ئىلمىي سىستېما مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئارقىلىق كادىرلارغا باھا بېرىلمەي، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناق تەرەققىيات، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى. باھالاش چارىسى ياخشىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ پەرقلىق باھالاش يولغا قويۇلدى. باھالاش ئارقىلىق نەتىجىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپلا قالماي، باھالاش ئارقىلىق ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق يوشۇرۇن نەتىجىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى پەرقلەندۈرۈش ۋە چەكلەشكە دىققەت قىلىندى.

    كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، «ياشنى ئاساس قىلىۋېلىش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 2014- يىلى 6- ئايدا، مەركەز «مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش- تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. ئەمەلىيەت جەريانىدا، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشتە كەسپىي تەرەققىيات ئېھتىياجى چىقىش قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپ ھەم جاپالىق رايونلاردا كادىر يېتىشتۈرۈش ۋە سىناشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، زۆرۈر باسقۇچ ۋە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلىدە تەربىيەلەپ چېنىقتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىدا پۇختا چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى؛ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ تاللاپ ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، باشقا ياش باسقۇچىدىكى كادىرلارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، كادىرلار بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىلگىرى سۈرۈلگەچكە، ھەرقايسى ياشتىكى كادىرلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار قارايدىغان بولدى.

    2014- يىلىنىڭ بېشىدا، مەركەز «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدى. يېڭى بەلگىلىمە قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ياخشى كادىرلار تاللاپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى كۈچەپ بەرپا قىلىندى. خۇبېي ئۆلكىسى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش توغرىسىدا بىر قاتار يۈرۈشلەشكەن تۈزۈم ئورنىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى سەپلەش- باشقۇرۇش، دېموكراتىك كۆرسىتىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سەككىز كونكرېت چارىنى ئېلان قىلدى؛ سەنشى ئۆلكىسى ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ بىر تۈركۈم» بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، بىر تۈركۈم ناپاك، بولۇمسىز كادىرلارنى ئىلغاپ بىر تەرەپ قىلدى، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بىر تۈركۈم كادىرلارنى تەڭشەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ياخشى ئىشلەيدىغان بىر تۈركۈم كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويدى؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ جيادىڭ رايونى ئادەتتە كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كۈچ چىقىرىپ، يان تېلېفون ئالاقە تورىغا تايىنىپ، كادىرلارنى كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى داۋاملىق دەل ھەم ئەمەلىي تەكشۈرۈپ باھالىدى.

    بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان دۆلەت مەمۇرى 974 مىڭ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئارىسىدىن تاللانغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى 50 مىڭدىن ئاشتى، 21 مىڭ دۆلەت مەمۇرى ئاشكارا تاللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزدىكى ئورگانلارغا ئاشكارا تاللانغان ئاساسىي قاتلام دۆلەت مەمۇرى 1300دىن ئاشتى، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كىرىپ، دۆلەت مەمۇرلىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

    مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىشتىكى ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلدى

    بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە دەرىجىسى تەڭ مېڭىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش بىلەن بىللە، كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تۈزۈم قاتلىمىدىن كۈچلۈك كاپالەتلەندۈردى.

    «مەمۇرلار قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەمۇرلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ خىل «ئومۇميۈزلۈك بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن» باشقۇرۇش شەكلى كەسپىي تەرەققىيات يولى ئاددىي بولۇش، باشقۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاساسىي قاتلامدا ۋەزىپە ۋە دەرىجىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ شۇڭا مەمۇرلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2016- يىلى 7- ئايدا «كەسپىي تېخنىكا تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تارقاتتى. ئىككى بەلگىلىمىدە كەسپىي تېخنىكا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى ۋەزىپىنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى، «تۆت قاتلام 11 دەرىجە»لىك ۋەزىپە تەرتىپى، ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئىككى بەلگىلىمە ۋە ئۇنىڭغا يانداش چارىگە ئاساسەن، كەسپىي تېخنىكا تۈرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى مەمۇرلار دەرىجىگە ئايرىلىپ باشقۇرۇلۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ قوبۇل قىلىنىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باھالىنىپ، دەرىجىگە ئايرىپ تەربىيەلىنىپ، ئۆز يولى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇلدى، كەسىپلەشتۈرۈلدى، بۇ مەمۇرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.

    كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەقسىتى − ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش. ئۇزاقتىن بۇيان، مەمۇرلار ئاساسلىقى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن باشقۇرۇلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلار ئاپپارات ئۆلچىمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ۋەزىپىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش بوشلۇقى كىچىك، مائاش تەمىناتى تۆۋەن بولۇش، كادىرلارنى ئېلىپ قالالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەمۇرلار ئارىسىدا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ يولغا قويۇش، دەرىجىگە قاراپ تەمىنات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2015- يىلى 1- ئايدا، «ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردىكى مەمۇرلار ئارىسىدا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ يولغا قويۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلاردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بۇ تۈزۈم كادىرلار تۈزۈمىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم تەڭشەش ۋە ئىسلاھات بولۇپلا قالماي، مەمۇرلار تۈزۈمىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق مەمۇرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ۋەزىپە قاتلىمى بويىچە مائاش تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىندى. بۇ ئىسلاھات ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىن كەلگەن «تەمىنات» ۋە «ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسى»دىن بەھرىلەندۈردى، بۇنىڭدىن ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

    كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىمۇ ئوخشاشلا تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    ھازىر مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي ئورۇن، 29 مىليوندىن ئارتۇق خىزمەتچى بار، ئۇلارنىڭ كەسپى، قاتلام دەرىجىسى، تۈرى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇشتا ھەم ئورتاق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەم خاسلىق پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    بۇنىڭ ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلار مەركەزنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلارنى باشقۇرۇشتىكى سىياسەت، قائىدە- نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، «كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەر ساھەنىڭ چارىسى يانداشتۇرۇلغان «1+x» تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي خادىملارنى باشقۇرۇش قائىدە- نىزامىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۈزۈم بوشلۇقىنى تولدۇردى.

    كادىرلارغا «چەمبىرەك» سېلىنىپ، قاتتىق، ئەمەلىي باشقۇرۇلدى

    «مەسىلىسى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇزاقتىن بۇيان كادىرلار خىزمىتىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان «كونا قىيىن» مەسىلە بولۇپ كەلدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 2016- يىلى 8- ئايدا «<كادىرلارنى مەسىلىسى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش>نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. «پىكىر»دە، پارتكوم شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرنىڭ پاك- تەلەپچان بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يەكۈن خاراكتېرلىك پىكىرگە ئىمزا قويۇش تۈزۈمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ قالدى. «ئىمزا قويۇش شەكلى ئاددىي بولسىمۇ، بىراق ئىمزا ئېغىر مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ». كۆپچىلىك بۇ ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان ياخشى چارە ئىكەن، دەپ ئىنكاس قىلىشتى. بۇنىڭدىن سىرت، «پىكىر»دە يەنە ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلارغا نىسبەتەن «تۆتنى جەزمەن تەكشۈرۈش» تەلىپى، يەنى: ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلارنىڭ كادىرلار ئارخىپىغا جەزمەن قاراپ چىقىش، ئۆستۈرۈلىدىغان رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار خۇسۇسىي ئىشلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى جەزمەن ئېنىقلاش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ پىكرىنى جەزمەن ئاڭلاش، ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلارنىڭ بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە ئالاقىدار كونكرېت يىپ ئۇچلىرى، تەكشۈرۈشكە ئەرزىيدىغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، نامزاتنىڭ پاك، ساداقەتمەن، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    «پىكىر» تارقىتىلغاندىن كېيىن، جايلار، تارماقلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەدبىرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «مەسىلىسى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى. جياڭسۇ ئۆلكىسى «مەسىلىسى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆستۈرۈلىدىغان كادىرلارنى جەزمەن تەكشۈرۈش، پۈتكۈل جەرياننى خاتىرىلەش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىسى بار كادىرلارنى تىرىشىپ «بوسۇغا» سىرتىدا قالدۇردى؛ جېجياڭ ئۆلكىسى كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق نەتىجىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كادىرلارنى «مەسىلىسى بولسىمۇ ئۆستۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالتە «مۇداپىئە تېمى»نى پۇختىلىدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلاردا قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، كادىرلارنىڭ ناتوغرا خىزمەت ئىستىلىنى تۈگىتىشكە ئالاقىدار «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، كادىرلار قوشۇنىنى ساپلاشتۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىلاردا 40 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلاندى، دۆلەت كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ كارخانىلاردا 21 مىڭ ئادەم (قېتىم) قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلاندى؛ پېنسىيەگە (دەم ئېلىشقا) چىققان رەھبىرىي كادىرلار ۋە دۆلەت كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلادىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا 56 مىڭ ئادەم (قېتىم) قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئېنىقلاندى؛ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە ئورۇنلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى باشقۇرۇش ياخشىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە ئورۇنلىرىدىكى رەھبىرىي خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى ۋە خىزمەت قىلىشى ياكى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ساھەسىگە ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئۆتىشىگە مەدەت بېرىلدى، ئۇلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نامزاتلارنىڭ ساپاسى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلدى.

    كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. 2014- يىلى 10- ئايدىن 2016- يىلى 6- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورگان(ئورۇن)لاردىكى خىزمەتچىلەر، مەركەز كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى باشقۇرغۇچىلار ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىسى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئارخىپى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات- كادىرلار تارماقلىرى «قاتتىق، ئىنچىكە، توغرا بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئارخىپنى تۇنجى تەكشۈرۈپ ۋە قايتا تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، بىرمۇ بىر تۈزىتىپ، 645 مىڭ كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، 25 مىليون 490 مىڭ نۇسخا ماتېرىيالنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارخىپ مەزمۇنىنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈردى. «قىلچە يۈز- خاتىر قىلماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان كادىرلار ئارخىپىدىكى يالغاندىن ئويدۇرۇپ چىقىرىش مەسىلىسى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

    بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپكە سېلىشتىن تارتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش، كادىرلارنى ۋەزىپە سانىدىن ئارتۇق سەپلەش ئەھۋالىنى تۈزەش، كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەر قانات يايدۇرۇلدى، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ئىشنى پاك بېجىرىش كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى، بۇ ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

    پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش تېخىمۇ ئىلمىيلىشىپ، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ، كادىرلارنى باشقۇرۇشتىكى «تۆت لىم، سەككىز تۈۋرۈك» تۈزۈمى رامكىسى ئاساسەن ئورنىتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366121431