سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى گۈزەل كەنت

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-15

    بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان سەنشى ئۆلكىسى گاۋپىڭ شەھىرى لياڭخۇ كەنتى (11-يانۋار فوتوسى).

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: لياڭخۇ كەنتىدىكى قاتار كەتكەن نەپىس ئىمارەتلەر ئىچىدە خىش ئويما، ياغاچ ئويما، تاش ئويمىلار شۇ قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان. ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە لياڭخۇ ئەل ئىچى كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ مەدەنىيەت-ساياھەت ئېچىش شىركىتىنى قۇردى. سەنشى ئۆلكىسى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە، خۇاڭخې دەريا ۋادىسنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، كەڭ كەتكەن زېمىنغا نۇرغۇن گۈزەل كەنتلەر تارقالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپلىگەن كەنت مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىش، ساياھەت كەسپىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنتلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەچكە، كەنتلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، يېڭى تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. مۇخبىر ئۇچقۇچىسز ئايروپىلان ئارقىلىق بوشلۇقتىن يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلار ئارىسىدىكى كەنتلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى نامايەن قىلدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366095921