سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى نەشر قىلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. «شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكىتىمىزدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

    بۇ كىتابچىگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شيامېندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان «كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ 2- <ئالتۇن 10 يىلى>نى ئورتاق يارىتايلى»، «كېسەك ئالتۇن ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى»، «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى»، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» قاتارلىق 4 مۇھىم سۆزى كىرگۈزۈلگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366068451