سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ 22- نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. 22- نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنى ھەم ئەزالار قۇرۇلتىيى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەپتىشلەر جامائەت مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا تەپتىشلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا «تەپتىشلىكنى جامائەت پاراۋانلىقىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، تىنچ، ئادىل، ئىناق، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى چۆرىدەپ، تەپتىشلەرنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغدىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ. جۇڭگودىكى تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگىنى، ئۇ جىنايەتچىلەرنى جازالاش ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەرزىيەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئالغان، شۇنداقلا دۆلەت مەنپەئىتى ھەم جامائەت مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو تەپتىشلەرنىڭ جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيانىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكىگە ئالاقىدار نەتىجىلىرىدىن پائال ئۆرنەك ئېلىشنى خالايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەپتىشلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جامائەت پاراۋانلىقىنى قوغداش، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن ئورتاق يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366068431