سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاقسۇ شەھىرى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    يېقىندا ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ شەھىرى 2015 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بولۇپ باھالانغاندىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى خادىمىدىن 5275 ئادەم (قېتىم)نى تەربىيەلەپ، 9000دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىگەن. ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپ رايونىدىن بىرنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى تىجارەت مەركىزىدىن بىرنى، يېزا – كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتىدىن 92نى قۇرغان.

    ئاقسۇ شەھىرى يېقىنقى يىللاردا دۆلەتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويغانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى.

    سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا پارچە سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 269 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.14 ئېشىپ، ئېلىمىزدىكى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 256 ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە غەربىي شىمال رايونى بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366068351