سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كۇچا ناھيەسى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساقساق، يېڭىشەھەر، شەرقى شەھەر كوچا باشقارمىلىرىدا تۆت ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرغانىدى. ھازىرغىچە بۇ بازىلاردا 3724 كىشى تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىك، رېمونتچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىي ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئۇلار ئاساسەن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يېزا – بازارلاردىكى مىكرو كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسىدىكى يۈسۈپ ئېلى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ياردىمىدە بۇ بازىدا دۇكان ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۇكان ئېچىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى، ھازىر خېرىدارىم كۆپىيىپ تىجارىتىم ئېقىپ، ئايدا 3500 يۈەن ساپ كىرىم قىلىۋاتىمەن. كېيىنچە دۇكاننى كېڭەيتىپ، ياشلارنى كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

    ئۇقۇشىچە، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بۇ بازىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، تىجارەت كۆلىمىگە ئاساسەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز مەبلىغى ھەل قىلىپ بېرىش، مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتىلارنى تۆلەپ بېرىش، دۇكان ئىجارىسىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىغا مەدەت بەرگەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366068341