سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پىچان يېزىسىدا باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

     پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان باقمىچىلىق كەسپىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكتىن، بۇ يېزىدا باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى.

    پىچان يېزىسى باقمىچىلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، يەر، سۇ، توك قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق قىزغىنلىقى ئېشىپ، باقمىچى ئائىلىلەر تېز كۆپەيدى. ھازىر بۇ يېزىدا چوڭ باقمىچى ئائىلىلەر 789غا، كىچىك باقمىچى ئائىلىلەر 3000دىن كۆپرەككە يېتىپ، ئالدىنقى يەتتە ئايدا قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا مال 121 مىڭ توياقتىن ئاشتى. باقمىچىلىق كىرىمىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %22 كە يەتتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067921