سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تەڭرىتاغ يېزىسى دېھقانلارنىڭ كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچىدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

    تەڭرىتاغ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاياللارنى كەشتىچىلىك تېخنىكىسى بويىچە ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئۈچۈن، يېقىندا يېزىدىكى 150 ئايالنى كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلىدى. بۇ يېزا يەنە كەپشەرلەش، مانتىيورلۇق، تىككۈچىلىك كۇرسلىرى ئېچىپ ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كان – كارخانىلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېزىدا خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067881