سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى تەڭرىتاغ رايونىدا قانات يايدۇرۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

   يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى دۆڭكۆۋرۈك بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى «قول تۇتۇشۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلايلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. بۇ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت بالىلارنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ بەردى ھەمدە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. پائالىيەتتە ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىرلىكتە «قاتناش چىرىغى ناخشىسى» قاتارلىق ئۈرۈمچىلىكلەرگە تونۇش بىر قىسىم ناخشىلارنى ئېيتتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067841