سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قوشماقلاشقان 100 تۇغقان قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

   قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە دەرەخ پەرۋىش قىلىش تاختىسىنى قەدىمىي دەرەخكە ئاسماقتا.

  12-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ-ئورمان ئىدارىسى) بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق چوڭ بازار مەھەللە ئاھاللە كومىتېتى بىرلىشىپ قارىلىغاچلىق سەيلىگاھىدا قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە، ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ-ئورمان ئىدارىسى)دىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى سودىگەرلەر بىرلىكتە قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشقا ئەھدىلەشتى. شۇنىڭدەك ئۇلار قەدىمىي دەرەخلەرنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ ئوغۇتلاپ، قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى قەدىمىي دەرەخ يىلتىزى كەبى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا بەل باغلىدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067821