سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇنەۋۋەر تۈرلەر دوكلات كۆرگەزمىسى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

    3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇنەۋۋەر تۈرلەر دوكلات كۆرگەزمىسى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 9–ئاينىڭ 12–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ياشلارغا يازغان ‹‹ياشلارنىڭ <ئىنقىلابىي ئارزۇ>نى روياپقا چىقىرىش سەپىرى›› ناملىق جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى ھەقىقىي تۈردە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 8–ئاينىڭ 15–كۈنىدىكى جاۋاب خېتىدە چوڭقۇر مېھرى بىلەن مەنىلىك ۋە سەمىمىي ھالدا ئىستۇدېنتلارنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، دۆلەت، خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق دەۋرگە، تارىخقا مۇناسىپ شانلىق سەھىپە پۈتۈشىگە ئىلھام بەردى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياشلارغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا زامانىمىز ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا ئىلگىرىلەش يولى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ھەم مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈنۈملۈك تۇتقا ۋە مۇھىم قوللانمىغا ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، بولۇپمۇ مائارىپ خىزمەتچىلىرى جاۋاب خەتنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى تولۇق تونۇپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ ۋە پۇختا، ياخشى باشقۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنىڭ ئىستۇدېنتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېخىمۇ زور رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس–بەستە قاتنىشىشى نەتىجىسىدە 3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مۇسابىقىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم سۇپا، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋاسىتە ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مائارىپى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قىممەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ‹‹يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ئۈمىدلىنىشى›› بىلەن ‹‹ئەستايىدىل بولۇشى››نى، ‹‹تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇشى›› بىلەن ‹‹تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىشى››نى، ‹‹ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىنىش›› بىلەن ‹‹يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش››نى بىرلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم غايىلىك، ئۈمىدۋار، مەسئۇلىيەتچان ۋە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تونۇش بىلەن ھەرىكەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش–ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئاتلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپىنى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى چىڭىتىپ، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممەيلەن يېڭىلىق يارىتالايدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە، 3–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹ئالاقە تورى +›› ئىستۇدېنتلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭدىكى تاللاش مۇسابىقىسى بۇ يىل 5–ئايدا رەسمىي باشلانغان، كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، 10 تۈر ئالتۇن مېدالغا، 20 تۈر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 8 تۈر مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

    پائالىيەت مەيدانىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى تەۋسىيە قىلغان ‹‹شىنجاڭ بۆلجۈرگىنى›› قاتارلىق تۈرلەر كۆرگەزمە قىلىندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366067811