سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىلى ئوبلاستى ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئالىي شەرەپكە ئېرىشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش ھارپىسىدا تيەنجىندە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، توققۇزتارا، غۇلجا، نىلقا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىرى ‹‹2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› دېگەن نامغا ئېرىشتى؛ ئىلى ئوبلاستىدىكى ليۇ يىشۈەن، جاڭ جيەنفاڭ، ۋاڭ پىڭ، تېڭ گۈيگودىن ئىبارەت تۆت شەخس ‹‹2013 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس›› دېگەن نامغا ئېرىشتى.

    ھازىرغىچە ئىلى ئوبلاستىدا مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيەدىن ئۈچى (كۈنەس، قورغاس، چاپچال ناھىيەلىرى)، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدە ئىلغار ناھىيەدىن بىرى (چاپچال ناھىيەسى)، مەملىكەت بويىچە ‹‹مىليونلىغان دېھقان بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى››دە ئىلغار يېزا – بازاردىن تۆتى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي تەنتەربىيە يېتەكچىسىدىن بىرى بولۇپ، كۈيتۈن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ئايرىم – ئايرىم مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتى، دېھقان – چارۋىچىلار بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن، نىلقا، قورغاس ناھىيەلىرىدىكى تەنتەربىيە تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى››دە ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067791