سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئاتچوت قىلغىلى بولىدىغان دورىلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىلارنىڭ تىزىملىكىگە 2017 – يىللىق ‹‹دۆلەت داۋالىنىش ئاساسىي سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىكى دورا تىزىملىكى››دىكى دورىلاردىن سىرت يەنە دۆلەت دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پۈتۈشكەن 36 خىل دورا كىرگۈزۈلگەن، يېڭى دورا تىزىملىكى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

    ئۇقۇشىچە، دۆلەت سۆھبەتلىشىپ پۈتۈشكەن 36 خىل دورىنىڭ ھەممىسى ئاتچوت قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، B تۈردىكى دورىلار بويىچە ئاتچوت قىلىنىدىكەن، ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە چەك قويۇلىدىكەن. دورىلارنىڭ 2016 – يىللىق ئوتتۇرىچە پارچە سېتىلىش باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %44، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %70 بولىدىغان بولۇپ، بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدىكەن. بۇ دورىلارنىڭ ئىچىدە 15 خىل دورا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان دورا ئىكەن. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067771