سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 210 ئوقۇغۇچى ماھارەت كۆرسەتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

  2017-يىللىق «شۈنفېي لوڭقىسى» ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-سېنتەبىر باشلاندى. 15 ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 210 نەپەر ماھىر بۇ مۇسابىقىدە «قوش تىل» ئۆگىنىشتىكى تالانتىنى نامايان قىلدى.

 بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى گۇرۇپپا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، 17-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.  

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك ئىناق-ئىجىل كەيپىياتى «قوش تىل» مائارىپىدا نامايان قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلدى. 2006-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون داۋاملىق تۈردە «قوش تىل» مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۆت تۈردە سەككىز نۆۋەت مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن.   

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366067461