سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاراماي پەسىل قۇشلىرىنى جەلپ قىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

    10-سېنتەبىر, قاراماي شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى سۇمۇرۇغ كۆلىدە چايكىلار ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا.

 ئالتۇن كۈز ئايلىرى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئىللىق ماكان جەنۇبقا كۆچىدىغان پەسلى. سېنتەبىر كىرىشى بىلەن، كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان ھەر خىل قۇشلار قارامايدىكى سۇلۇ يەرلەرگە قونۇپ، بىر نەچچە كۈن كۆڭۈللۈك سەيلە قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىنلۇڭ كۆلى، قىزىلتاغ كۆلى، گۇخەي قاتارلىق سەيلىگاھلار ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ھەر خىل پەسىل قۇشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، توپ-توپ بولۇشقان پەسىل قۇشلىرى ھەر جايدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، ئاسايىشلىققا تولغان كۈز پەسلىگە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

  قاراماي شەھىرى يېقىنقى يىللادا يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى ۋە بىر تۈركۈم سۇلۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاراماي شەھىرىدە دەريا ئېقىنى، سۇلۇ يەر، كۆل ۋە ئورمان ئېكولوگىيەسى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن ئەندىزە ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.   

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366061541