سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئېلىمىزنىڭ يۈك پاراخوتلىرى شىمالىي قۇتۇپتا ئۇچراشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13

      «تيەنجەن» ناملىق پاراخوت بىلەن «تيەنلې» ناملىق پاراخوت 12-سېنتەبىر دېلاڭ دېڭىز بوغۇزىنىڭ غەربىي ئېغىزىدا ئۇچراشتى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئېلىمىزنىڭ يۈك پاراخوتلىرىدىن «تيەنجەن» بىلەن «تيەنلې» 12-سېنتەبىر شىمالىي قۇتۇپتىكى شەرقىي شىمال سۇ يولىدا ئۇچراشتى. ئىككى پاراخوتتىكىلەر ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق بىر -  بىرىگە سالام بېرىشتى.

   ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، يەرشارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا قاتنايدىغان، ئېلىمىز تاۋارلىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ سالىمىنى ئېلىپ سەپەرگە ئاتلىنىدىغان پاراخوتلىرى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى. «تيەنجەن» بىلەن «تيەنلې» دىن ئىبارەت ئىككى پاراخوتنىڭ تولىمۇ يىراقتىكى سۇ يولىدا ئۇچرىشىشى ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا سودىدىكى كۆلىمىنىڭ زورلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366061491