سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۇگۇڭ مۇزېيىدا يىللىق چوڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ 2017-يىللىق چوڭ كۆرگەزمىسى بولغان «مىڭ چاقىرىملىق تاغ-دەريالار __ تارىختىكى كۆك-يېشىل سىزمىلار ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» 15-سېنتەبىر ۋۇمېن كۆرگەزمە زالى ۋە شەرقىي، غەربىي يەنچى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىدە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ شىمېڭنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق تاغ-دەريالار» ناملىق رەسىمى مەركەز قىلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى كۆك-يېشىل سىزمىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى سىستېمىلىق رەتلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئىككى قارارغا بۆلۈنگەن ئاساستا جەمئىي 86 يۈرۈش مەدەنىي يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، 30-ئۆكتەبىر كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئالماشتۇرۇلىدىكەن، كۆرگەزمە 14-دېكابىر ئاياغلىشىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366038011