سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 1000 ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستتىن 1000 (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا جەمئىي 12 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

    بۇ يىل ئاپتونوم رايون شىخو شەھىرى بىلەن بورتالا شەھىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان شەھەرلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەھەرنى قوشقاندا سىنىپ تەسىس قىلغان شەھەر 16گە، سىنىپ تەسىس قىلغان مەكتەپ 32گە يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان 13 قاراردا 82 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 51 مىڭ 300 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %70 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشقا كىرگەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ھېزىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مۇھىم تەدبىرىنى يولغا قويۇش، تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى، بولۇپمۇ چەت، يىراق، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى سەرخىل مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىسى پەرزەنتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا كىرىپ ئوقۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇغۇچى مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037741