سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما خۇڭجۈن

    مەن يېزىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن خۇيزۇ كادىر، ئاتا- بوۋىلىرىمنىڭ ھەممىسى دېھقان، ئۇلار چوڭ قائىدىلەرنى كۆپ بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما دائىم ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق بىزگە كونا جەمئىيەتتىكى ئازاب- ئوقۇبەتلىك كۈنلىرىنى، يېڭى جەمئىيەتتىكى بەختلىك تۇرمۇشىنى سۆزلەپ، بىزگە پارتىيەنىڭ، جەمئىيەتنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ ياخشى كۈنلەرنى قەدىرلەش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ كەلدى؛ بىزگە يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنىنىڭ ئەلا ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت قولۇم- قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ ئۆتۈشنى تاپىلايتتى. بۇ ئاددىي گەپلەرگە مىللەتلەرنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى سىڭگەن. ئاتا- ئانامنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشى بىلەن، كىچىكىمدىن باشلاپلا خەنزۇ، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت بالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىم.

    1984- يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئاتا- ئانامنىڭ تەربىيەسىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئىدارىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئىناق ئۆتتۈم. يېڭى جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولغان ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلگىرى ياشىغان جايدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، مۇشۇ يىللاردىن بۇيان پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن، سەھرالىق بالىدىن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىققىنىمنى ئويلىغىنىمدا، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن، قەلبىمدە ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تۇيغۇسى ئۇلغىيىدۇ.

    ئەمما ھەر مىللەت ئامما بەختىيار تۇرمۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىغان مۇشۇنداق ياخشى پەيتتە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر ئوچۇم ئۇنسۇرلار ۋەتىنىمىزنى پارچىلاش ۋە بىزنىڭ ئىناق، بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەتنى دەستەك قىلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بولۇپمۇ، كادىرلار قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئاشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيلا قالماي، ئەكسىچە پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، بۇزغۇنچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلار تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ رەزىل.

    باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇش جەھەتتە مۇتلەق بىردەك بولۇپ، نىشان- ۋەزىپە جەھەتتە دىققەتنى مۇتلەق مەركەزلەشتۈرۈشىمىز؛ ھەرقانداق ۋاقىتتا بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز، ھەرقانداق چاغدا مەيدانىمىز مۇستەھكەم، تونۇشىمىز، ئىچىمىز بىلەن تېشىمىز بىردەك، پوزىتسىيەمىز قەتئىي بولۇشى؛ ھەرقانداق چاغدا باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، قەتئىي تۈردە باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەر، قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىنداشلاردەك ئېجىل مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈشكە يېتەكلەيمەن.

    سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار غايە- ئېتىقادىنى يوقاتقانلاردۇر، ئۇلار سىياسىي ئىنتىزامغا پىسەنت قىلماي، ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەمىزنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنغان دۈشمەنلەر، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقلىرىدۇر، جېنىنىڭ بارىچە ۋەقە پەيدا قىلىۋاتقان تېررورچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ قۇۋ، تېخىمۇ ھىيلىگەر، ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ ئېغىر. ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيدانىمنى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم قىلىپ، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كۈرەش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈش- بايقاش ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە بايرىقىم روشەن ھالدا مەردانىلىك بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئاستىرتىن ھىيلە ئىشلىتىشىگە، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بۇ ئىناق، مۇقىم، ئىتتىپاق ئىجتىمائىي مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن.

    مەۋقەيىمنى ئۆز خىزمىتىمگە قارىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىر ئورۇن، قوش مەسئۇلىيەت»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت بىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى تۇتۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى «مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى ۋە تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىسى بولۇش»نىڭ كۈچلۈك كاپالىتى قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارىتىدە ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەملىشىمەن؛ كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە بولغان تەشۋىق- تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پائال ھەل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى نامايان قىلىپ، كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرىمەن؛ ئۆزۈم مەسئۇل تارماقتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەربىيەلەش- باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۇنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرىمەن؛ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا مۇڭدىشىپ، ھەقىقىي دوست بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت، تەلەپلىرىنى ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان تىل ئارقىلىق ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037561