سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۇلۇغ ۋەتىنىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلنار ئابدۇللا

    شىنجاڭ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»، بۇ يەردىكىلەر «تىلى چىقىشى بىلەنلا ناخشا ئېيتالايدۇ، ئايىغى چىقىشى بىلەنلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ». ئۇزاق يىللاردىن بۇيان مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوينىغان رەڭدار ئۇسسۇللىرىم ئارقىلىق ۋەتەنگە، شىنجاڭغا بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىم ۋە چوڭقۇر مېھرىمنى ئىپادىلەپ كەلدىم.

    پارتىيە ۋە دۆلەت مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، مەن ۋەتىنىم ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇسسۇل ئاسمىنىدا مەڭگۈ پەرۋاز قىلىمەن. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىغا يېڭى قوبۇل قىلىنغان چاغلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدىكى، سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپىنچىسى شىزاڭ، يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي قىسىمدىكى چەت، يىراق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بەزىلىرى نامراتلىقتىن پەقەت بىر قۇر كىيىم بىلەنلا كەلگەنىدى. مەكتەپ بىزگە كىيىم- كېچەك، يوتقان- كۆرپە، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ بەرگەن، تۆت يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇش ھەققىگە يېنىمىزدىن بىر پۇڭمۇ چىقارمىغانىدۇق. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ تېتىغۇدەك تاماق يېيەلمەي قېلىشىمىزدىن، ياخشى ئۇخلىيالماي قېلىشىمىزدىن، يۇرتىمىزنى سېغىنىپ زېرىكىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىنى ئۆيىدە تاشلاپ قويۇپ، بىزگە ھەمراھ بولاتتى، بۇ غەمخورلۇقلار مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. مەن باشتىن- ئاخىر مۇنداق قاراپ كەلدىم: شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت- سەنئىتى جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان يۇلتۇز. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇسسۇل سەنئىتىنى تارقىتىش ۋە بۇ ساھەدە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.

    مەملىكەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمدىن تارتىپ، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «ۋېنخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى»غا، يەنە ياپونىيە ئوساكا خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا «ئالىي ئورۇنلاش مۇكاپاتى»غا ۋە چاۋشيەن «ئاپرېل باھارى» خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكىنىمگىچە، قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر نەتىجەم پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىغانلىقىنىڭ مېۋىسىدۇر.

    ھازىر شىنجاڭ زېمىنىدا جەمئىيەت ئىناق- مۇقىم، ئىقتىساد راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر- بازارلاردا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈۋاتقان يېپيېڭى قىياپەت نامايان بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز يەنىلا مۇرەككەپ، مۈشكۈل بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشتەك رەزىل غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت- سەنئەت، ئۆرپ- ئادەت جەھەتلەرگە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ھەر جەھەتتىن چىرىتىۋاتىدۇ، كۈشكۈرتۈۋاتىدۇ ۋە قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتى گۈزەللىكنى سۆيىدىغان مىللەت، ئەنئەنىۋى ئەتلەس كىيىم- كېچەكلىرىمىز ۋە دوپپىلىرىمىز نەقەدەر گۈزەل- ھە! ھازىرقى خىلمۇ خىل پاسوندىكى زامانىۋى كىيىم- كېچەكلەر نەقەدەر مودا، نەقەدەر كۆركەم ۋە نەقەدەر يارىشىملىق- ھە! ئەمما بەزىلەر ھەم قارا، ھەم ئۇزۇن، ھەم سەت نىقاپلىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەكتە، بۇنداق كىيىنىش ئاياللارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش تەبىئىتى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويۇۋاتىدۇ.

    زوراۋان- تېررورچىلارغا يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز، تىلىمىزنىمۇ يۇمشاق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاردا: ناغرا- سۇنايسىز توي بولماس، يىغا- زارىسىز ئۆلۈم، دېگەن گەپ بار. ئەمما زوراۋان- تېررورچىلار «ناخشا ئېيتسا زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدۇ»، «چالغۇ چالسا قولى ناكا بولىدۇ»، «ئۇسسۇل ئوينىغانلىق شەيتاننى دورىغانلىق» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تارقاتتى، بەزى جايلاردا توي- تۆكۈندە ناخشا ئېيتمايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان، ئۆلۈم- يېتىمدە ئۇرۇق- تۇغقانلار يىغلىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.

    دۈشمەنلەر خەلقىمىزنى ناخشا ئېيتقۇزماسلىققا، ئۇسسۇل ئويناتقۇزماسلىققا ئۇرۇنماقتا، بىز سەنئەتكارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىغا نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە باشتىن- ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئېسىل، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز. شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، ئەتراپىمىزغا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوشۇرۇنغان، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، پوزىتسىيەسى ئېنىق ئەمەس، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىدىغان، بىر ئېقىندا ئاقىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى پاك- پاكىز تازىلىۋېتىشىمىز كېرەك، بۇ ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن ئەكسىيەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ئېلىشىش، بۇ ئىشتا قىلچە سۈلھى قىلىشقا، يول قويۇشقا بولمايدۇ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاك- پاكىز تازىلاپ يوقىتىشىمىز كېرەك.

    ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بۈگۈن بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشانغا يېتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ ئاشتى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش بىز ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بىللە تۇرۇشنى، شۇنداقلا باشتىن- ئاخىر پارتىيە بىلەن بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تارىخىي ئاچقۇچلۇق پەيتتە سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، چوقۇم سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىمىز كېرەك!

    شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولغاچقا، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل نىيىتىگە مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ!

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037461