سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش 6- ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىدىقجان مامۇت

    شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى- تەرەققىي قىلىشنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە شاھىت بولدۇم، شۇنداقلا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر خەۋپى، توسالغۇسى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىنىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، كىشىلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، دىنىي تەلۋىلىك پەيدا قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، نۇرغۇن قانلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرىغا ئايلاندى. بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلغان ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىناق، خاتىرجەم بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا پاراكەندىچىلىك سالدىكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدىكى نامى ۋە ئوبرازىغا تېخىمۇ ئېغىر داغ تەگكۈزۈپ، ئاددىي- ساددا، ئاق كۆڭۈل، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر مىللىتىگە «تېررورچى» دېگەن بەلگىنى چاپلىدى. شۇنى چوقۇم چۈشىنىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ماھىيىتى رەزىل، قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارشى بولۇپ، ئۇلار ۋەتەنگە، خەلققە پۈتۈنلەي خائىنلىق قىلدى. بۇ يەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق دەيمەنكى: ئۇلار ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلەرنى سادىر قىلدى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، پۇقرالارغا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، مىللەتتە تېخىمۇ ئۈمىد بولمايدۇ. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەيلى قانداق يەردە بولۇشىمىزدىن، مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئاسان قولغا كەلمىگەن. بۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە، ۋەتەنگە، خەلققە چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

    ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ھەم بىز ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇش- تۇرالماسلىقىمىزنى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش- ئالالماسلىقىمىزنى، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش- ماڭالماسلىقىمىزنى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش- يېڭەلمەسلىكىمىزنى سىنايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پارتىيە تەشكىلى كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قاتارلىق ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىپ، قەتئىي كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىدىم.

    بىرىنچى، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، غايە- ئېتىقادنى قەتئىي قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن. غايە- ئېتىقاد كومپارتىيە ئەزاسىدا بولۇشقا تېگىشلىك تۈپ خىسلەت. شىنجاڭدا غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشتە ئەڭ مۇھىمى پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىقنى ساقلاش. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ باش نىشاننى خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشان ئېڭىنى ئاڭلىق مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، سىياسىي مەيدانىم ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن؛ سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم، سىياسىي ئاڭلىقلىقىمنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» بىلەن ئىدىيەمنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمەن، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، سەپسەتىلەرنى تازىلايمەن؛ ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ ۋە باشقۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قانۇنغا رىئايە قىلىش، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشكە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېتەكلەيمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئىشلارنى بەجانىدىل قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

    ئىككىنچى، سىياسىي مەيدانىمدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تەنقىدلىگۈچىلەردىن بولىمەن. ھازىر شىنجاڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن» ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بولغان ئاممىنى تالىشىش كۈرىشى ئىنتايىن جىددىي بولۇۋاتىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قۇتراتقۇلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرى، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سۇيىقەستى ۋە ھىيلە- نەيرىڭى ئالدىدا كاللامنى چوقۇم سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئاقىللاردىن بولۇپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ياخشى كادىرلاردىن، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشىپ باشلامچى، ئۈلگە، يېتەكلىگۈچىلەردىن بولىمەن؛ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي رەددىيە بېرىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي، قىلچە رەھىم قىلماي، ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، زوراۋان- تېررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، سۈكۈت قىلىدىغان، يول قويىدىغان، ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان، يوشۇرىدىغان، ھەتتا قوللايدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    ئۈچىنچى، ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولىمەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىلمىسە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ؛ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقىتىلمىسا، جەمئىيەتتە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېرررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزام شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئارىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان بۇ «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول»لارنى پاش قىلىپ، پاك- پاكىز تازىلاپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، يىلتىزىدىن يوقىتىپ، ئۇلارغا پۇت تىرەپ تۇرغىدەك جاي قالدۇرمايمەن؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق بويسۇنۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سۆز- ھەرىكىتىمنى، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037441