سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى مۇشۇ ھەپتىدە كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    بەرىكەتلىك ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىسى كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

    مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا11~26 ئارلىقىدا بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى كۈز پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولغاچقا كىشىلەردە ياز پەسلىدەكلا تۇيغۇ بولغان. مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا20تىن تۆۋەن بولۇپ، مېتېئورولوگىيە نۇقتىسىدىكى كۈز ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366037361