سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە 12-سېنتەبىرىدىن 13-سېنتەبىرگىچە سۇ توختايدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    مۇخبىرنىڭ 10-سېنتەبىر ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، رېلىسلىق قاتناش مېترو 1-لىنىيەسىنىڭ دۆڭكۈۋرۈك بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، جەنۇبىي ئازادلىق يولىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك 12-سېنتەبىر سائەت 10:00دىن 13-سېنتەبىر سائەت 10:00 گىچە، غالبىيەت يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى، شىمالىي ئازادلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، ساغلاملىق يولى، جەنۇبىي تىنچلىق يولى، شىمالىي تىنچلىق يولى، شەرقىي شىمال يولى بويلىرىدا سۇ توختايدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366037321