سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 21- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 91 پارچىسى بېجىرىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    مۇخبىرنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 21- تۈركۈمدىكى 93 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 91 پارچىسى بېجىرىپ بولۇنغان.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 12- تۈركۈمدە بېجىرىلگەن 91 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 40 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 10 پارچىدىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 8 پارچە، قومۇل شەھىرىنىڭ 7 پارچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 5 پارچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 2 پارچىدىن، قاراماي شەھىرىنىڭ 1 پارچە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى 1 پارچە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىشىپ 1 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرگەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇنغا چېتىلىدىغىنى 29 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 22 پارچە، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى 21 پارچىدىن، بۇسقا چېتىلىدىغىنى 14 پارچە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 10 پارچە، ئېكولوگىيەگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مۇھىت مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا 21 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1320 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 1298 پارچىسى بېجىرىپ بولۇنغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 1181 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 117 پارچە ئىكەن. تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 967، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 324، جەرىمانە سوممىسى 28 مىليون 369 مىڭ 300 يۈەن بولغان؛ 1 پارچە ئەرزىيەت خېتى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، 19 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن، 3 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 112 كىشى سۆھبەتكە چاقىرتىلغان، 758 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خەتلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn) دە ئېلان قىلىنغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037301