سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا 400- قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- سېنتەبىر تېلېگراممىسى: كىيىم- كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي بېزەش ماتېرىياللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان X9091- قېتىملىق يۈك پويىزى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتىدا چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىن قاتنىغان 400- قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، قاتناش قېتىم سانى تېز كۆپىيىپ، دەسلەپكى ھەپتىدە بىر نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن ھازىرقى ھەر كۈنى ئىككى نۆۋەتچى پويىز قاتناشقا تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 8- ئايدا جەمئىي 65 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يۇقىرى رېكورت ياراتقان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى قازاقسىتان تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتقان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001366037071