سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ قاناس ئايرودۇرۇمى 10-ئاينىڭ بېشىدا تاقىلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاناس ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، قاناس ئايرودۇرۇمىدا بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا قاتناش توختىتىش مۆلچەرلەندى.

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى مەخسۇس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 15-ماي ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلى كېلىشى بىلەن قاناس ئايرودۇرۇمىدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، «ئۆكتەبىر ئالتۇن ساياھەت مەزگىلى»نىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن ئايرودۇرۇم تاقىلىدىكەن.

    2007-يىلى قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، قاناس ئايرودۇرۇمىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ساياھەتچىلىك يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان، 2017-يىلى جەمئىي 2133 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، 88 مىڭ 686  يولۇچى (ئادەم/قېتىم) توشۇلغان، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر تارىختىكى ئەڭ دەرىجىسىگە يەتكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ ساياھەت قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يەنە چۇڭچىڭ-قاناس لىنىيەسى ئېچىلىپ، يولۇچىلار مىقدارى تارىختا ئەڭ كۆپ بولغان.     

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366037061