سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 10 مىڭ 86 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەكچى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12

«جۇڭتەي» گۇرۇھى شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشقان قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى يېڭى خىزمەتچىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇستاملاردىن ئىش ئورنى ماھارىتى بويىچە تەلىم ئالماقتا.

 11-سېنتەبىر، جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ مىچۈەن-كۆكتاغ سانائەت باغچىسىدىكى بىرىكمە ئوراش-قاچىلاش سېخىدا  قەشقەردىن كەلگەن ئابدۇللا قارى ۋە ئۇنىڭ ئايالى مەلىكە مەمەتنىياز ئۇستامدىن ئۆلچەمسىز ئورام خالتىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئابدۇللا قارى ئىلگىرى بىر دېھقان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى، ئالتە قېرىندىشىمۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئابدۇللا بالىلىرىنىڭ دېھقان بولۇشىنى خالىماي، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدە بۇ گۇرۇھقا ئىشقا ئورۇنلاشتى ۋە ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر كۈنى دۆلەت تىلى ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

   ئابدۇللا ۋە مەلىكەگە ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن مەنپەئەتلىنىپ، قەشقەر، خوتەندىن بۇ گۇرۇھقا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئېشىنچا ئەمگەكچى 2000دىن ئاشتى.

   ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئاپرېل قەشقەر، خوتەندىن 40 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن ناھىيەسىدىن 5000 كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرگە ئاپىرىپ، شەھەر مۇھىت تازىلىقى ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 10 مىڭ كىشىنى دۆلەت كارخانىلىرى (مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ‹‹ئالتە بىر تۈركۈم›› يولى ئارقىلىق قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن 25 مىڭ كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۈەن ھەمدە جايلاردىكى كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغىلى يېرىم يىلغا يېقىنلاشتى، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە، ئابدۇللا، مەلىكەگە ئوخشاش قەشقەر، خوتەندىن كېلىپ دۆلەت كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان شەھەر-يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچى 10 مىڭ 680 غا يەتتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366036781