سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

باش كۈزدە تارىم دەرياسى مەنزىرىسى گۈزەل تۈسكە كىردى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-11

    9-سنېتەبىر ئېگىز بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ تارىم دەرياسى لوپنۇر بۆلىكىنىڭ مەنزىرىسى بەئەينى ئۇستا رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان رەڭدار ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالدى. دۆلىتىمىز 2000-يىلدىن باشلاپ 10 مىليارد يۈەندىن كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، تارىم دەريا ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزىگەندىن بۇيان، تارىم دەرياسىغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي 18 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتى بارا-بارا دائىمىيلاشتى. شورلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق ياخشىلاندى، قۇملۇق يەر كۆلىمى پەيدىنپەي ئازايدى، تۆۋەن ئېقىم دەريا بويىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە قۇرۇقتاغ قۇملۇقىنىڭ تۇتىشىش ۋەزىيىتى تىزگىنلەندى، تۆۋەن ئېقىمدىكى يېشىل كارىدور بارا-بارا ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001366009681