سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۇاڭشى چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچىلىرى ئەتكەس قىلىنغان 18 ئاسىيا چوڭ تاشپاقىسىنى قولغا چۈشۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    قوراللىق ساقچى قىسىم گۇاڭشى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، بۇ تارماق ئەترەت يېقىندا تەۋەلىكىدىكى خۇاڭجياڭ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قانۇنسىز توشۇلۇش ئالدىدا تۇرغان 18 دانە ئاسىيا چوڭ تاشپاقىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. تاشپاقىلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 48 سانتېمىتىر، ئېغىرلىقى 12.4 كىلوگىرام، كىچىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 42 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 8.7 كىلوگىرام كېلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاسىيا چوڭ تاشپاقىسى يەنە شەرق چوڭ تاشپاقىسى، دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان تاشپاقا ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365947441