سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ئېيى پائالىيتى باشلاندى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    مۇخبىرنىڭ7-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتكۈل شىنجاڭدا سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدىن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە «2017-يىللىق پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ئېيى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ تېزراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

    بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە «ھەقىقىي ئىسىم بويىچە ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش» باش تېما قىلىنىدىكەن، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئاساسلىقى 2017 - يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىستۇدېنتلار، ئىچكىردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلار ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئىستۇدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365947421