سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھاياتلىقنى قوغداشتىكى ‹‹يېشىل يول››

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

     9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سائەت 16 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە گۈدۈكىنى سايراتقىنىچە يېتىپ كەلگەن ‹‹120›› جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىنىڭ جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ يېنىدا توختىدى.

    كېسەل كۆرۈش بۇيرۇقىنى ئاللىقاچان تاپشۇرۇۋالغان جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىدىكى داۋالاش – پەرۋىش خادىملىرى بۆلۈم ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تەق بولۇپ تۇرغانىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، نوسىلكا چۈشۈرۈلۈشى بىلەنلا ئاغرىق جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ كىرىلدى.

    ئوكسىگېن بېرىش، يۈرەكنى ئېلېكتىرلىك كۆرۈش ۋە قوغداش، جىددىي داۋالاش – قان ئېلىش، ئېلېكتىروكاردىيوگراممىدا تەكشۈرۈش، كارىۋات يېنىدا يۈرەكنى ئۇلترا ئاۋازدا تەكشۈرۈش...دوختۇر – سېسترالارنىڭ ھەممىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەتراپنى جىددىيلىك قاپلىغانىدى.

    30 مىنۇتتىن كېيىن، ‹‹كېڭەيگەن يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى›› بىلەن داۋالاشقا قوبۇل قىلىنغان بۇ ئاغرىقنىڭ ئوپېراتسىيە تەييارلىقى خىزمىتى تاماملاندى ھەم ئوپېراتسىيەخانىغا ئېلىپ كىرىلدى.

    ‹‹دىياگنوز قويۇشتىن تارتىپ تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىشقىچە بولغان جەرياننى مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىيالىشىمىزدا كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ يېشىل يولنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ››، دېدى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دۇڭ شىنلىڭ.

    ‹‹كۆكرەك ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دىياگنوز خاتا قويۇلۇپ قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى جىددىي كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ كۆكرىكى ئاغرىيدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق كېسەل ئالامىتىگە قانداق قىلىپ تېز، توغرا دىياگنوز قويۇش جىددىي كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرخانىمىز كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزى يېشىل يولىنى قۇردى››، دېدى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى ليۇ جيەن.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ياڭ شىنلىڭ مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىمىز 2016 – يىلى 12 – ئايدا كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇشقا باشلىدۇق، كۆپ پەن(جىددىي قۇتقۇزۇش داۋالاش سىستېمىسى، جىددىي كېسەللەر بۆلۈمى، يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى، يۈرەك تاشقى بۆلۈمى، نەيچە كىرگۈزۈش بۆلۈمى، سۈرەتكە ئېلىش بۆلۈمى، B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز ئاپپاراتى قاتارلىقلار) ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كۆكرەك ئاغرىقلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈرگە ئايرىپ داۋالىدۇق. ئۆلچەملىك دىياگنوز قويۇش – داۋالاش تەرتىپى، سۈپەتنى تىزگىنلەش ئارقىلىق جىددىي كۆكرەك ئاغرىقلىرى دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋاقتىدا دىياگنوز قويۇش ۋە قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق، بۇنداق بولغاندا ھەم ئېغىر خەتەرلىك ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇلماي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم ئادەتتىكى خەتەرلىك ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

    كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزى يېشىل يولى يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا يېتەكچىلىك قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق ‹‹كۆكرەك ئاغرىقىنى داۋالاش مەركىزى›› بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى. ‹‹نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي غەيرىي زەخىملىنىش خاراكتېرلىك كۆكرەك ئاغرىقىنى ئايرىش ۋە قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى خەتەرلىك، ئېغىر كۆكرەك ئاغرىقلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ۋە كېسەلنىڭ ئاقىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، بىرلەشمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن رايون ئىچىدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانا بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ قۇتۇلدۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆكرەك ئاغرىقلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، ئەڭ ياخشى داۋالاش يولى ۋە لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ››، دېدى ياڭ شىنلىڭ.

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ زالىدا كۆك تەگ ئاق خەتلىك، كۆرسىتىش ئىسترېلكىسى بار بەلگە تاختىسى دىققىتىمىزنى تارتتى. بەلگە تاختىسىنىڭ ئۈستىگە كېسەل ئەھۋالى جىددىي، خەتەرلىك، ھامىلىدارلار يېشىل يولى(لىفىتكە ئولتۇرۇپ كېسەلخانا بىناسىنىڭ 4 – قەۋىتىدىكى تۇغۇت بۆلۈمىگە چىقىڭ)دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

    ‹‹جىددىي ئاغرىقلار ئارىسىدا ھامىلىدارلارمۇ ئاز ئەمەس، باش سۈيى بالدۇر يېرىلىپ كېتىش، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش، سەۋەبسىز قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرىنى بايقىساق، ھەممىسىنى جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەل ئالامىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز. بۇنداق بىر يېشىل يولنى قۇرۇشىمىزمۇ تەكشۈرۈش، خىمىيەۋى تەكشۈرۈشتىن تارتىپ تۇغۇت بۆلۈمىگە ئەكىرىشكىچە بولغان جەرياننى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاپ، ھامىلىدار ۋە بوۋاقنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر››، دېدى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا جىددىي كېسەللەر 1 – بۆلۈمىنىڭ سېستراسى لى ياڭ.

    ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى›› بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

    بۇلتۇر 8 – ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا قىرغىزىستان ئوش ئوبلاستلىق دۆلەت دوختۇرخانىسى ۋە قىرغىزىستان دۆلەت ئاياللار – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سۇپىسى ئارقىلىق يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش كەسپىنى قانات يايدۇردى.

    چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان تېخنىكا سۇپىسى چەت ئەل ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ھاياتلىق يولى يارىتىپ بەردى. قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى زەمىرە چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى سۇپىسى ئارقىلىق ئوغلىنىڭ مېڭە پارالىچ كېسىلىنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە كۆرسەتتى، ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىغا كېلىپ، ئوغلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋالاتتى. ھازىر زەمىرەنىڭ ئوغلى دۆلىتىگە قايتىپ ئەسلىگە كېلىش مەشىقى قىلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرالىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

    ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانىنىڭ چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتى، 200گە يېقىن ئاغرىققا يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەتتە دۆلەتتىكى دوختۇرخانا بىلەن چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى، نېرۋا تاشقى بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، مېڭە پارالىچى بۆلۈملىرى كەسپىي ئەۋزەللىكلىرىنى يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سۇپىسى ئارقىلىق يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى ئاغرىقلارغا بەخت ياراتماقتا.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001365947361