سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 26–تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-08

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 5–كۈنى سائەت 21 گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 26–تۈركۈمدە 93 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 68 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگىنى 25 پارچە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 68 پارچە ئەرزىيەت خېتى 9–ئاينىڭ 5–كۈنى سائەت 23كىچە تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

    رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 68 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چېتىلىدىغىنى 28 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %41.2ىنى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 9 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %13.2ىنى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 7 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %10.3ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، قاراماي شەھىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چېتىلىدىغىنى 6 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 3 پارچە، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 2 پارچىدىن، تۇرپان شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچىدىن ئىكەن. بۇلغىنىش تۈرىدىن قارىغاندا، شاۋقۇن، ئاتموسفېرا، قاتتىق تاشلاندۇق، چاڭ–توزانغا چېتىلىدىغىنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا مۇھىت مەسىلىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %28.4، %21.6، %19.3، %14.8ىنى ئىگىلىگەن؛ سۇ، بۇس، ئېكولوگىيەنىڭ بۇلغىنىشى ۋە باشقا تۈردىكى بۇلغىما مەسىلىسى 2–ئورۇندا بولۇپ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ساننىڭ %8.0، %4.5، %2.3 ۋە %1.1ىنى ئىگىلىگەن.

    مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى 9–ئاينىڭ 5–كۈنى سائەت 21گىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا 26 تۈركۈمدە جەمئىي 2124 پارچە ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونغا چېتىلىدىغىنى 1701 پارچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە چېتىلىدىغىنى 405 پارچە، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە بېجىرىدىغىنى 18 پارچە ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001365947171